«رۇسىيەدىن <س - 400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىشتا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنى رۇسىيەدىن «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىش باسقۇچىدا ھېچقانداق يېڭى ئۆزگىرىشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
1868656
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنى مەنبەلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيەدىن <س - 400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىش باسقۇچىدا ھېچقانداق يېڭى ئۆزگىرىش يوق. دەرۋەقە، بۇ باسقۇچ، دەسلەپكى كۈنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بويىچە داۋاملاشماقتا.»