سويلۇ: تۈركىيە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى ئەسلا يالغۇز تاشلاپ قويمىدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ/پ ي د نىڭ زۇلۇم – سىتەملىرى ئاستىدا نالە – پەرياد قىلغان ئىنسانلارنى ئەسلا يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى ۋە قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1867366
سويلۇ: تۈركىيە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى ئەسلا يالغۇز تاشلاپ قويمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزى ھېچ ئېيتمىغان بىر سۆزنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئاممىۋى تاراتقۇ ھېسابلىرى ئارقىلىق تارقىتىلىشقا ئۇرۇنۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ پەردە ئارقىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ سۇيىقەستلىك ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ پەردە ئارقىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك، س د گ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە ئىغۋاگەرلەر بار.»

تۈركىيەنىڭ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك نىڭ زۇلۇم – سىتەملىرى ئاستىدا نالە – پەرياد قىلغان ئىنسانلارنى ئەسلا يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى ۋە قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان سويلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك پەزىلىتىنى، دوستلۇقىنى ۋە قوشنىسىنى ھەردائىم جان تىكىپ قوغدايدۇ.»

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتىمۇ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىغۋاگەرچىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى 2 – كورپۇس ھەمزە ئالاھىدە قىسمىنىڭ باش قوماندانى سېيف ئەبۇبەكىر، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىدە، يەرلىك مەجلىسلەردە، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى قارارگاھلىرىدا ۋە تېررورىزمدىن تازىلانغان بارلىق كوچىلاردا  شانلىق تۈركىيە بايرىقىنى داۋاملىق كۆرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، مۇنداق دېيىلدى: «بەزى كۈچلەر، دۈشمەنلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، سۈرىيە ۋە تۈركىيە خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە قانداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشنى نىشان قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر