ئىستانبۇلدا بومبىلىق ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك كاتتىباشلىرىدىن مۇرات قارايىلاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئىران ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرىپ بومبا پارتلىتىپ ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى.

1866719
ئىستانبۇلدا بومبىلىق ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك كاتتىباشلىرىدىن مۇرات قارايىلاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئىران ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرىپ بومبا پارتلىتىپ ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان «سەيدو بوتان گەۋەر» يالغان ئىسىملىك تېررورچى مەھدى مىھچى ئىستانبۇلدا يالغان كىملىك بىلەن قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مۇرات قارايىلاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئىران ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرگەن پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​ئالاھىدە قىسىملىرى ئەزاسى، بومبا ياساشنى ئۆگەتكۈچىسى، ئىستانبۇلغا ۋەقە پەيدا قىلىش ۋە قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن سەيدو بۇتان گەۋەر يالغان ئىسىملىك مەھدى مىھچى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە يالغان كىملىك بىلەن ئىستانبۇلدا قولغا چۈشۈرۈلدى» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ، ئىستانبۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئىستىخبارات شۆبىسىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە مىھچى بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۈچ  جىنايەت گۇماندارىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، بۇ كىشىلەر تۇرغان جايدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا قورال، يالغان كىملىك ۋە دىگىتال ماتېرىياللارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مىھچىنىڭ 2014-يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قاتناشقانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سۈلەيمان سويلۇ يەنە بىر تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا، سۈرىيەنىڭ ئازەر مارە رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى ئەبۇ ئەلى تەخەللۇسلۇق ھەسەن نەججارنىڭ ئادەم بومبا جىلىتكىسى ۋە نۇرغۇن ئوق – دورا بىلەن بىرلىكتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر