ئاقار ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال باھادىر قۇربانوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1866758
ئاقار ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي تەلىم - تەربىيە ھەمكارلىقى پائالىيەتلىرىنىڭ يەنىمۇ قويۇق ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر