ئەردوغان بىلەن پاخور پايتەخت ئەنقەرەدە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنقەردە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاخور بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1866365
ئەردوغان بىلەن پاخور پايتەخت ئەنقەرەدە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يىل تۈركىيە - سىلوۋېنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنىڭ تەبرىكلەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ئۇچرىشىشلاردا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەشكەنلىكلىرىنى، ھەر ساھەدە، بولۇپمۇ ئىقتىساد، سودا، سانائەت، پەن – تېخنىكا ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىياتىدىن رازى ئىكەنلىكلىرىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە بىلەن سىلوۋېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زور تۆھپە قوشىدۇ. دوستلۇق، ئىتتىپاقداشلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش مۇساپىسى قاتارلىق بارلىق ساھەلەر بويىچە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى پاخور ئەردوغان بىلەن ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ھەل قىلىنالمىغان ھېچقانداق مەسىلىنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىمىز ئۈلگە بولۇشقا ئەرزىيدۇ» دېدى.

سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر بۇ ئۇرۇش مۆلچەردىكىدىن ئۇزۇن داۋاملاشسا، جىددىيچىلىك جەنۇبقا، غەربىي بالقان رايونىغىمۇ يامرىشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر