ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1866224
ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 2022 – يىلى 10 – ئاۋغۇست <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى  رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ تويۇقسىز ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ جەريانىدا،  6 – ئاۋغۇست <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تېرروچىلىرى تەرىپىدىن يەرلىك ئۇسۇلدا ياساپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يارىلانغاندىن كېيىن بالنىستقا ئېلىنغان بىر ئەسكەرنىڭ، دوختۇرلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر