چاۋۇشئوغلۇ: «بىز فەتھۇللاھچىلارنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى بۆھتانلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، «بىز پ ك ك، فەتھۇللاھچى ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى تەشۋىقات ۋە بۆھتانلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېدى.

1866135
چاۋۇشئوغلۇ: «بىز فەتھۇللاھچىلارنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى بۆھتانلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 13 - نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغمۇ باش ئەلچىلەرگە خىتاب قىلغان يىغىندا نۇتۇق سۆزلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ «تېرورلۇقتىن نۇرغۇن ئازاب چەككەن دۆلەت» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئادالەت بىلەن بىخەتەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ مەسىلىلەر چەتئەلدىكى ۋەزىپىلىرىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىز ھەم پ ك ك غا، ھەم فەتھۇللاھچىلارغا ۋە باشقا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزگە قارشى تەشۋىقات ۋە بۆتانلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

چاۋۇشئوغلۇ «زامانىۋى دىپلوماتىيەنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل ئورتاقلىق ۋە كۆپ ئاكتىيورلۇق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئورگانلار ئارا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى موللاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئورگانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق» قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ تاشقى سىياسەتنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يەنە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بولغان ھەمكارلىق توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ ئەدلىيە مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سەزگۈر تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىدە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئېلىپ، ئورتاق خىزمەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ياۋروپادىكى پۇقرالىرىمىزغا قارىتا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كەمسىتىش ۋە ئىرقچىلىق قىلمىشلىرى ھەققىدە خىزمەت ئىشلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە چەتئەلدىكى تەشكىلاتىمىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز» دېدى. مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ خەلقئارا ساھەدە ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ناھايىتى قويۇق ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر