بىتلىستە تېررورچىلارغا قارشى باشلانغان ھەرىكەتكە 520 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قاتناشتى

بىتلىستە 520 خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «32 - ئەرەن قورشاۋى،شېھىت بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسى ئەكرەم ئاككايا ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى.

1865017
بىتلىستە تېررورچىلارغا قارشى باشلانغان ھەرىكەتكە 520 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلاش ۋە رايوندا يوشۇرۇنغانلىقى ئېنىقلانغان تېرورچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن بىتلىس ۋىلايىتىدە «32 - ئەرەن قورشاۋى،شېھىت بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسى ئەكرەم ئاككايا ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى.

بىتلىس ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ۋان ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتكە ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكىتى (JÖH)، ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى ۋە بىخەتەرلىك قوغدىغۇچى ئەترىتىدىن تەركىب تاپقان 520 خادىم ۋە 51 مەشغۇلات ئەترىتى قاتناشتى.

ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى كۈنى تېررورچىلار ئىشلەتكەن 4 پاناھجاي ۋە يوشۇرۇنۇش ئورنى ئېنىقلاندى.

بۇ يەردە زور مىقداردا يېمەكلىك، تۇرمۇش ۋە تازىلىق ماتېرىياللىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.  پاناھجاي ۋە يوشۇرۇنۇش ئورۇنلىرى ۋەيران قىلىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر