سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 5 تېررورچى، تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.

1864077
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلماقتا. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 5 تېررورچى، قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلارنى ئۆزلىرى كولىغان خەندەكلەرگە كۆمۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر