ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1863057
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان قىسىملىرىمىز، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، گارا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورلۇق نىشانلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچىنىڭ، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىشلىنىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بۇ ئىككى تېررورچىنىڭ، 1999 – ۋە 2012 – يىللىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سېپىگە قتىلغانلىقى ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 65 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر