چاۋۇشئوغلۇ كامبودژادا ئال سانى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كامبودژادا قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى بىلەن كۆرۈشتى.

1863132
چاۋۇشئوغلۇ كامبودژادا ئال سانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، 4 – نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى - تۈركىيە دىيالوگ ھەمكارلىقى ئۈچ تەرەپلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان كامبودژانىڭ پايتەختى  فىنوم پېندە، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، زىيارىتى دائىرىسىدە، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، يەر شارىۋى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، كامبودژا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى پراك سوكخون ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى لىم جوك خوي بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە، ھەمدە ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى ۋە كەلگۈسىگە قارىتا ئىجابىي ھەمكارلىق تەكلىپلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر