چاۋۇشئوغلۇ كامبودژادا ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى  مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كامبودژادا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1863275
چاۋۇشئوغلۇ كامبودژادا ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىمىزدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىز، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا سەزگۈر ئىكەنلىكىمىزنى خىتاي تەرەپكە يەتكۈزدۇق.»

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ، كامبودژا زىيارىتى دائىرىسىدە، ئالدى بىلەن، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى،  يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نانانىيا ماھۇتا، كامبودژا مۇسۇلمانلار ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ئوسمان ھەسسان، برۇنېي دارۇسسالام تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرىۋان يۈسۈف ۋە سىرىلانكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى سابرى بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر