يەنە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى يەنە بىر تېررورچى قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
1862060
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشلىنىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، 2015 – يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/KCK نىڭ سېپىگە قېتىلغان ۋە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە بىر تېررورچى، ماردىن/نۇسايبىن چېگراسىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك دىن قېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 63 كە يەتكەن.