سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 18 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان ۋە ھۇجۇم قىلىشقا تەييالىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 18 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلار ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان ھالاكەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان ۋە ھۇجۇم قىلىشقا تەييالىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 13 تېررورچى، قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»
مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 5 تېررورچى، ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلارنى ئېنىقلاپ چىقىلغان يەردىلا بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.