تۈركىيە بۈگۈن 5G تېخنىكىسى بىلەن تونۇشىدۇ

يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت ئېقىمى بىلەن تەمىنلەيدىغان 5G تېخنىكىسى بۈگۈن تۈركىيەدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

1861069
تۈركىيە بۈگۈن 5G تېخنىكىسى بىلەن تونۇشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى تۈركىيەدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت ئېقىمى بىلەن تەمىنلەيدىغان 5G تېخنىكىسى قوللىنىلىدىغان تۇنجى ئورۇن بولۇپ قالىدۇ.

تۈركىيەدە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئۈچ GSM (شارى كۆچمە خەۋەرلىشىش سىستېمىسى) شىركىتى، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بىلەن 5G نى يولۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىدۇ.

سىناق تەرىقىسىدە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان 5G مۇلازىمىتىدىن يانفونلىرى بۇ سىستېمىغا ماس كېلىدىغان يولۇچىلار پايدىلىنالايدۇ.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا چۈشكەن يولۇچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم تېلېفونلرىىدا «5G» ئىبارىسى كۆرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر