چاۋۇشئوغلۇ: ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى باشقا ئەللەرمۇ قوللىشى كېرەك

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنادا ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭمۇ قوللىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1860855
چاۋۇشئوغلۇ: ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى باشقا ئەللەرمۇ قوللىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىلىئا دارچىئاشۋىلى بىلەن  كۆرۈشكەندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاكالەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ گىرۇزىيەگە سالغان مەبلىغىنىڭ زور مىقداردا ئىكەنلىكىنى، دارچىئاشۋىلى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ گىرۇزىيەدە تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىشكە باشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

24 – فېۋرال كۈنى باشلانغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرۇلۇق توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، 22 – ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا، تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «ئاشلىق ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن بىخەتەر ھالدا يۆتكەش تەشەببۇسى ھۆججىتى كېلىشىمى» نىڭ، پەقەت ئاشلىق ئېكىسپورتىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى يولىدا تاشلانغان بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ كېلىشىم مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلسا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرى بولىدۇ.»

ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشلىرىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇكرائىنادا ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرمۇ قوللىشى لازىم. ئۇرۇشنىڭ قازانغۇچىسىمۇ، زىيان تارتقۇچىسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ھەممە تەرەپ زىيان تارتىدۇ. تىنچلىقنىڭمۇ زىيان تارتقۇچىسى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئادىل تىنچلىق بولۇشىدۇر. ئاخىرىدا، بۇ ئۇرۇش دىپلوماتىيە ئۈستىلىدە ئاخىرلىشىدۇ. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئامالنىڭ بارىچە تەرەپلەرنى دىپلوماتىيە ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر