ئىستانبۇلدا بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزى رەسمىي قۇرۇلدى

ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇكرائىنادىن بىخەتەر ھالدا يۆتكەش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا تەشكىل قىلىنغان بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزى رەسمىي ئېچىلدى.

1860309
ئىستانبۇلدا بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزى رەسمىي قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى.

ئۇ: «خىزمەتلىرىمىزنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى، بولۇپمۇ ئاشلىق باھالىرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. 25 مىليون توننا ئاشلىقنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشى ئۈچۈن كارىدور ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئۇ قۇرۇلغان بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزى ۋەزىپىسىنىڭ، ئۇكرائىنادىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاشلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئودېسا، چېرنومورسك ۋە يۇزنى پورتلىرىدىن بىخەتەر ھالدا دېڭىز ئارقىلىق يۆتكەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «مەركەز ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ. تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ب د ت دىن ھەر بىرىدىن بەشتىن ۋەكىل بولىدۇ. ھەربىي ئورگان بولمايدۇ. ئۇكرائىنا پورتلىرىدىكى ئاشلىق بېسىش بىلەن تۈركىيەدىكى پورتلارغا كېلىشتە مۇۋاپىق كۆرۈلىدىغان نۇقتىلاردا، بىرلەشمە مەركەزنىڭ تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى پاراخوتلارنى كونترول قىلىدۇ. مىنا تازىلاش ئېھتىياجى تۇغۇلسا تەرەپلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پىلان قىلىنىدۇ. بىراق، بۇ باسقۇچتا ئېھتىياج يوق» دېدى.

ئۇ بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىنىڭ ئاشلىق كىرىزىسىدىن باشقا، ئافرىقادىن ياۋروپا ۋە تۈركىيەگە كېلىشى مۇمكىن بولغان كۆچنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقىمۇ ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر