چاۋۇشئوغلۇ مولداۋىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مولداۋىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى.

1860346
چاۋۇشئوغلۇ مولداۋىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مولداۋىيە ئىقتىساد مىنىستىرى سېرگىئۇ گائىبۇ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا كۆرۈشتى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، گائىبۇ بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە تەرەققىي قىلدۇرىمىز» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئال نەھيان بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىپ، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ مەنسەپدىشى ئال نەھيان بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى، ئال نەھىياننىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى تاشقى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىش توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنى تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر