تۈركىيە ئەنگلىيەنىڭ پاناھلانغۇچىلار سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بارلىق دۆلەتلەرنى پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە باراۋەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى.

1855793
تۈركىيە ئەنگلىيەنىڭ پاناھلانغۇچىلار سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى
Sığınmacı ABD
tanju bilgiç 2.jpg
ingiltere 2. elizabeth'in tahta cikisi kutlama.jpg
Liz Truss.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇسنىڭ ئەنگلىيە بىلەن رىۋاندا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن پاناھلانغۇچىلار كېلىشىمىگە ئوخشاش يەنە بىر كېلشىمنى تۈركىيە بىلەن تۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ،  «بارلىق دۆلەتلەرنى پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە باراۋەر مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

باياناتچى تانجۇ بىلگىچ ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئەنگىليە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ترۇسقا مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرگە دائىر سوئالغا يازما جاۋاب بەردى.

تانجۇ بىلگىچ ترۇس باش مىنىستىر بولغان تەقدىردە، ئەنگلىيەنىڭ رىۋاندا بىلەن تۈزگەن پاناھلانغۇچىلار كېلىشىمىگە ئوخشاش يەنە بىر كېلشىمنى تۈركىيە بىلەن تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھۆرمەتلىك ترۇسقا مۇناسىۋەتلىك مەتبۇئاتلاردا چىققان مەزكۇر خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

باياناتچى تانجۇ بىلگىچ سەككىز يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ پاناھلانغۇچىنى كۈتۈۋالغان تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تېخىمۇ كۆپ يۈكنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ھاتتا بۇنىڭدىن ھالقىپ، خەلقئارا پاناھلىنىش ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە قەتئىي ماس كەلمەيدىغان پوزىتسىيەدە بولىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ پاناھلانغۇچىلار لاگېرى ياكى چېگرا قوغدىغۇچىسى بولمايدۇ، ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ھېچبىر شەكىلدە ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ پوزىتسىيەمىزنى بۇلتۇر ئافغانىستانلىق پاناھلانغۇچىلار ھەققىدە چىققان خەۋەرلەردىن كېيىنمۇ ئامما بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدۇق. بۇ دائىرىدە، «بارلىق دۆلەتلەرنى پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە باراۋەر مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر