ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل رايونىدا غارغا كىرىشكە ئۇرۇنغان 2 تېررورچى، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.

1854379
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھەر دائىم كونترول ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقان چېگرا لىنىيەسىدىكى پائالىيەتلەر دائىرىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل رايونىدا غارغا قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان 2 تېررورچى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن ئىز قوغلاپ تەقىب قىلىنغان تېررورچىلار، غارغا كىرمەكچى بولغاندا بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىزچىل ۋە كەسكىن داۋاملاشماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقان ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. قەھرىمان قىسىملىرىمىز، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر