تۈركىيە تۆت تەرەپ يىغىنىدا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى

ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت تەرەپ يىغىنىدا، تۈركىيە تەلەپ قىلغانلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

1849484
تۈركىيە تۆت تەرەپ يىغىنىدا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدېلېنا ئاندېرسون ۋە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىر يەرگە جەم بولدى.

تۈركىيە ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئېچىلغان يىغىندا، تەلەپ قىلغانلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ئارىسىدا فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى توغرىسىدىكى باياننامە، ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

بۇ ھەقتىكى خىتابنامەدە، «فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئېنىق ۋە كەسكىن ئەيىبلەيدۇ. فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەپ ك كۋە باشقا بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە بۇ تەشكىلاتلارغا چېتىشلىق شەخسلەرنىڭ پائالىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ» دېيىلدى.

ئۈچ دۆلەتنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خىتابنامەدە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيە تەمىنلىگەن ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى نەزەرگە ئالغان ھالدا تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ياكى قايتۇرۇۋېتىش تەلەپلىرىگە تېز سۈرئەتتە جاۋاب بېرىدىغانلىقى، پ ك ك ۋە بارلىق گۇماشتىلىرىنىڭ پۇل توپلاش، ئادەم قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقى ۋە بۇلارنى چەكلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامەدە يەنە، ناتونىڭ ئوچۇق ئىشىك سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن تۈركىيەنىڭ مادرىد باشلىقلار يىغىنىدا، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى قوللايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتونىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن،پ ي د|ي پ گۋە تۈركىيەدەفەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن تەشكىلاتنى قوللىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، شىۋېتسىيەنىڭ يېڭى تېخىمۇ كۈچلۈك تېررورلۇق جىنايەتلىرى قانۇنىنى 1-ئىيۇلدىن (2022) باشلاپ ئىجرا قىلىدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قانۇننى ئاساس قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامەدە، تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ، ھېچقانداق قورال ئېمبارگوسىنىڭ قالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر