شەنتوپ سېربىيە پارلامېنت باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ سېربىيە پارلامېنت باشلىقى ئىۋىكا داچىچ بىلەن كۆرۈشتى.
1846295
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىش، پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا پارلامېنتلار ئارا بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە چاقىرىلغان يەر شارىۋى پارلامېنت ئەزالىرى كۆچمەنلەر كونفېرانسى دائىرىسىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.