ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى مائارىپ ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كەلگۈسىنىڭ تۈركىيەسىنى ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنىڭ بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1844951
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى مائارىپ ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
erdogan.jpg
errdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل ئۈسكۈداردىكى بۇرھان فەلەك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن  2021 – 2022 - يىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش يىلى سىنىپ پۈتكۈزۈش كۆرسەتكۈچى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى؛ ئۇ، تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا دائىر ئۈمىدلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئوقۇغۇچىلار سانىدا ئەڭ كۆپ ئېشىش كۆرۈلگەن دۆلەت بولۇشىمىزغا قارىماي، خەلقئارا سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرىدە ئەڭ كۆپ ئۆرلەشنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرىمىز» دېدى.

مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، خامچوت پىلانلىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى پاينى مائارىپقا ئاجراتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

«ھەر بىر ئوقۇش يىلى ئاخىرىدا پىكرى ئوچۇق - يورۇق، نەزەر دائىرىسى كەڭ، بىلىملىك ​​ئەۋلادلارنىڭ يېتىشكەنلىكىنى كۆرۈشنىڭ خۇشاللىقىنى يېڭىدىن ھېس قىلىمىز» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «گەلگۈسىنىڭ ئىنژېنېرلىرى، دوختۇرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى بۈگۈن سىنىپ پۈتتۈرۈش كۆرسەتكۈچى ئالغان ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. ئەتىنىڭ تۈركىيەسىنى كۆزلىرىنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى ئىللىتقان بۇ بالىلار، ياشلار بەرپا قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق 20 يىلدىن بېرى مائارىپ ھەممىدىن مۇھىم دەپ كېلىۋاتىمىز. بارلىق بايلىقلىرىمىزنى مائارىپ ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر