ئاكار گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىنە لامبرېيت (Christine Lambrecht) ۋە ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لورېنزو گۇرىنى (Lorenzo Guerini) بىلەن كۆرۈشتى.

1844052
ئاكار گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېتىپ بارغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا، ناتو مەركىزىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۇ گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىنە لامبرېيت ۋە ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لورېنزو گۇرىنى بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا، گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كۇانشېر بىرچۇلادزې، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسى رېزنىكوۋ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشلەردە، ئىككى تەرەپ ۋە رايونلۇق مۇداپىئە مەسىلىلىرى بىلەن، خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ھۇلۇسى ئاكار ئامېرىكانىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان «ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئۇچرىشىش گۇرۇپپىسى يىغىنى» غىمۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر