ئەردوغان گىرېتسىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە قارشى ئوينىلىۋاتقان ئويۇن ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە قارشى ئوينىلىۋاتقان ئويۇندىن خەۋەردار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1843714
ئەردوغان گىرېتسىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە قارشى ئوينىلىۋاتقان ئويۇن ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئالدىنقى ھەپتە ئىزمىردا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەفەس 2022 مانېۋىرى»  ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ئەگە دېڭىزىدىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇق سىگناللارنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تارىختا داۋاملىق بولغانغا ئوخشاش، بىراۋلاردىن بىرى گىرېتسىيەنى پۈۋلەپ سەمىرتىپ، بىزگە  قارشى سەكرەتمەكتە، بىز بۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە قارشى ئوينالماقچى بولغان ئويۇننى ئوبدان بىلىمىز، مەسىلە گىرېتسىيەنىڭ بۇ ئويۇننى بىلەلمەسلىكى ياكى بىلىپ تۇرۇپ شۇ ئويۇندا قونچاق بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىدۇر. بىلگىنىڭلاردەك، فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ئەڭ چارچايدىغان، ئۇپرايدىغان، تاياق يەيدىغان، ھەتتا قول ۋە قانىتى سۇنىدىغانلار قوشۇمچە رول ئېلىۋاتقانلاردۇر. ئەمما، سەھنىدە ئۇلارنىڭ ئىسمى ياكى جىسمى كۆرۈنمەيدۇ. ئۆتمۈشتىمۇ گىرېتسىيەنىڭ بېشىغا كەلگەنلىرى دەل مۇشۇ ئىدى. ئەگەر خاتاسىدا چىڭ تۇرۇۋىرىدىغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بېشىغا كېلىدىغانلىرى يەنە شۇ بولىدۇ» دېدى.   

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ:  «ناتو تەشكىلاتى مەسىلىسىدە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئېنىق، كونكرېت ۋە قەتئىي ئىرادىلىك قەدەملەرنى تاشلىمايدىكەن، بىزنىڭ مەيدانىمىز ئۆزگەرمەيدۇ» دېدى.

ئەردوغان خەلقئارادا دۆلەتنىڭ نامىنى  ئەسلىدىكى <تۈركىي> دىن <تۈركىيە> گە ئۆزگەرتىش قەدىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ،  دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نامىنىمۇ  <تۈركىش ھاۋا يوللىرى شىركىتى> ئەمەس، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى» گە ئۆزگەرتىدىغانلىقلىرىنى  بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر