خۇلۇسى ئاقار ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيەگە يېتىپ  باردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدىكى ناتو باش ئىشتابىغا يېتىپ باردى.

1843811
خۇلۇسى ئاقار ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيەگە يېتىپ  باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار ئالدى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دائىمىي ۋەكىلى بىلەن تۈركىيە ھەربىي ۋەكالەتخانىسىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە قىززىق تېما قىلىنغان ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ۋە  زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇلۇسى ئاقار ئوخشىمىغان ئامىللار تۈپەيلىدىن سەزگۈر بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، تۈركىيەنىڭ ھەم مۇداپىئە، ھەم بىخەتەرلىك ساھەسى ۋە ئىتتىپاقنىڭ پائالىيەتلىرى نوقتىسىدىن خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىنىستىر ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىر بۆلۈمىگە ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە  قاتنىشىش جەريانىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش ئىشتابىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

خۇلۇسى ئاقار بىلەن رېزنىكوۋنىڭ سۆھبىتى خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر