ئايۋالىق دېڭىز ساھىللىرىدا نۇرغۇن تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىر ۋىلايىتىنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 44 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1839848
ئايۋالىق دېڭىز ساھىللىرىدا نۇرغۇن تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىمالىي ئەگە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، بالىكەسىر ۋىلايىتىنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 44 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

جۇندا ئارىلىدا تېببىي ياردەم ۋە يېمەك - ئىچمەك ئېھتىياجلىرى قامدالغان كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن، بالىكەسىر ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر