تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «تۈركىيە دوكلاتى» غا نارازىلىق بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2021-يىللىق تۈركىيە دوكلاتى باھالاندى.

1839569
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «تۈركىيە دوكلاتى» غا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەۋسىيە خاراكتېرلىق دوكلاتىنىڭ 2022-يىلى 7- ئىيۇندا ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «دۆلىتىمىز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆزئارا تىرىشچانلىقلار بىلەن كۈچەيتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ئېنىق تۇرغانلىقىغا قارىماي، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە يېراقنى كۆرەلمەسلىك بىلەن بۇ ئېھتىياجنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا تەييارلىغان دوكلاتىدا، گۇمان ئاساسىدىكى تەنقىدىي قاراش  ۋە ئەمەلىيەتكە زىت باھالاردا بولغانلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز ۋە رەت قىلىمىز. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىن دەسلەپكى ئۈمىدى، پىكىر دائىرىسى تار كۈچلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە ۋاستە بولۇپ بەرمەسلىكى ۋە ئەزالىق مۇزاكىرە مۇساپىسىنىڭ جانلاندۇرۇلىشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىغا قارىتا ئىلھاملاندۇرۇش پوزىتسىيەسى تۇتىشىدۇر. ئەمما شۇنداقتىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلمەكتە» دېيىلدى.  

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنى ماكان تۇتىشىشغا ۋە ھەتتا تېررورلۇق تەشۋىقاتى قىلىشغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يول قويغان پوزىتسىيەسى ئەسلىدە ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەس. ياۋروپا پارلامېنتى بۇ ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى ئىشەنچلىكلىكىنى يوقاتتى. بۇ ۋەجىدىن دوكلاتتىكى دۆلىتىمىزگە تەۋە دېموكراتىيە، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى  ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار بىلجىرلاشلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ياكى ئىككى ئەزاسىنىڭ ئەگە دېڭىزى، شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە قىبرىس مەسىلىسىدىكى  تار قاراشلىرى ۋە نەپ ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاساسسىز كۆز قاراشلاردىن ئىبارەتتۇر ھەمدە  بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىناۋىتى يوقتۇر. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى شۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بارلىق ئورگانلار تۈركىيەگە قارىتا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىىشى، بۇ دائىرىدە، ئەزالىق مۇزاكىرە مۇساپىسىنىڭ جانلاندۇرۇلىشى، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىشى، دىيالوگنى تېزلىتىش، تاموژنا ئىتتىپاقىنى يېڭىلاش مۇزاكىرىلىرىنىڭ باشلىنىشى، تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىق دائىرىسىدە، ئىختىيارىي ئىنسانپەرۋەرلىكنى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلىشىدۇر»

باياناتتا ، «بۇ مەسىلىلەردە تاشلاشقا  تېگىشلىك قەدەملەرنى ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا تۈركىيەگە تار نەزەر بىلەن باھا بېرىلگەن بۇ دوكلات، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۇزاق، ئىدىئولوگىيەلىك ۋە بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيەسىنىڭ يېڭى بىر مىسالىدۇر  ھەمدە پەقەت ياۋروپا پارلامېنتىنىڭلا ئىناۋىتىگە زىيانلىقتۇر» دېيىلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر