چاۋۇشئوغلۇ: گىرېتسىيە قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىۋەرسە، ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەتالاش قىلىنىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاراللارنى قوراللاندۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1839233
چاۋۇشئوغلۇ: گىرېتسىيە قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىۋەرسە، ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەتالاش قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاراللارنى قوراللاندۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «گىرېتسىيە بۇ خىل خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىدىن ۋاز كەچمىسە، بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەتالاش قىلىنىدۇ» دېدى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىزمەت زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇجار ئوسمانى بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ يىغىندا سۆز قىلىپ: «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئېگىز – پەسلىكلەر، سۈركىلىشلەر، دوستلۇقلار بولىدۇ، بۇلار تەبىئىي ئىشلار. ئەمما، گىرېتسىيە چۈشۈپ قالغان ۋەزىيەت كىشىنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ. (ئۇلار) بىر ئىشنى ناھايىتى ياخشى قىلالايدۇ؛ ھەرقانچە ھەقسىز بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە يىغلاش جەھەتتە ھەقىقەتەن ياخشى. يۈزمۇيۈز كەلگەندە قوچاقلايدۇ، ئارقىڭىزنى قىلسىڭىزلا نەپرەت، ئۆچمەنلىك، يالغان ۋە تۆھمەت... بۇلار سىياسەتچىلەرگە ۋە دۆلەتلەرگە يارىشىدىغان ئىشلار ئەمەس.

گىرېتسىيە بىزنىڭ يازغان مەكتۇپلىرىمىزغا ئادەمدەك جاۋاب قايتۇرسۇن. قورالسىزلاندۇرۇلغان ئاراللارنىڭ سالاھىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغانلىقىنى دېسۇن. (بەلگىلىمىلەرگە) خىلاپلىق قىلىشقا خاتىمە بەرمەيدىغان بولسا، ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەتالاش قىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر