تۈركىيە قازاقىستاننىڭ رېفېراندۇمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنىڭ خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق ئىچىدە ئاخىرلاشقانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1838505
تۈركىيە قازاقىستاننىڭ رېفېراندۇمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قازاقىستاندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېاېراندۇمىنىڭ غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «قازاق خەلقىنىڭ قازاقىستاندا تۈنۈگۈن (2022-يىلى 5-ئىيۇل) ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىغا يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە، خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق ئىچىدە ئاخىرلاشقانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدۇق تۈركىيە قازاقىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە پاراۋانلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. رېفېراندۇم نەتىجىلىرىنىڭ دوست ۋە قېرىنداش قازاقىستان ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمىز. تۈركىيە قېرىنداش دۆلەت قازاقىستاندىكى ئىسلاھات مۇساپىسىنى داۋاملىق قوللايدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر