تۈركىيە باڭلادېشقا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە باڭلادېشتا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1838073
تۈركىيە باڭلادېشقا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، باڭلادېشنىڭ چىتتاگوڭ شەھىرى ئەتراپىدىكى كونتېينېر ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت باڭلادېش خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە چىن دىلىمىزدىن  تەزىيە بىلدۈرىمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

باڭلادېش تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىتتاگوڭ شەھىرىدە شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوت ئاپىتىدە 49 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 300 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر