ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى قايىل قىلىش ئارقىلىق تەسلىم بولدى.

1837728
ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قايىل قىلىش خىزمىتى نەتىجىسىدە، پ ك ك دىن قېچىپ كەلگەن 2 تېررورچى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولغان.

تەسلىم بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ 2013 ۋە 2015-يىللىرى تەشكىلاتقا قېتىلغانلىقى، سۈرىيە، ئىران ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى بېكىتىلدى.

شۇنداق قىلىپ، بۇ يىل تەسلىم بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ سانى 41 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر