تۈركىيە جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان «Agapinor 2022» ناملىق ھەربىي مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1837742
تۈركىيە جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ مەزكۇر مانېۋىرغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا قايتۇرغان يازما جاۋابىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «Agapinor 2022» ناملىق ھەربىي مانېۋىرىغا قارىتا ئېلان قىلغان باياناتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تانجۇ بىلگىچ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتلىقىنىڭ 31-مايدىكى باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان يېڭى ھەمكارلىق تەكلىپلىرى تەييارلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتىنىڭ رايوندىكى مۇقىملىقنى بۇزۇش بەدىلىگە ئۇيۇشتۇرغان بۇ مانېۋىرىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىلىرىنىڭ روشەن ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تانجۇ بىلگىچ: «جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىگە شېرىك بولغان دۆلەتلەرنى يەنە بىر قېتىم جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە تەتۇر تەشۋىقاتلىرىغا ۋاستە بولۇپ بەرمەسلىككە چاقىرىمىز» دېدى.

 بىلگىچ تۈركىيەنىڭ كېپىللىك بەرگەن مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ھەر قانداق شەرت ۋە شارائىتتا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق - ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئاگاپېنور 2022» ھەربىي مانېۋىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتى مىللىي قوغدىنىش ئەترىتى تەرىپىدىن 29-مايدىن 2-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

مانېۋىرنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر