تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز شۇنداقلا ئەجەللىك زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1837404
تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋام قىلىۋاتقان <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئارمىيەمىز تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي شۇنداقلا ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئۇتۇقلۇق داۋاملىشىۋاتقان <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ماي ئېيىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 85 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە مىنىستىرلىق باياناتچىسى ئىسمائىل چاتاكلى پايتەخت ئەنقەرەدە مىنىستىرلىقنىڭ خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قىلغان «مەتبۇئاتنى ۋاقىپلاندۇرۇش ئايلىق يىغىنى» ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «2022 – يىلى ماي ئېيىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تاغلىق رايوندا ئالتىسى كەڭ دائىرىلىك، 43 ى ئوتتۇرا دەرىجىلىك بولۇپ جەمئىي 11838 تاغلىق رايون زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شايكىلىرى ۋە تىل بىرىكتۈرگۈچىلىرىگە قارشى 1221 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ ئاق كاتېگورىيەسىدىكى بىر، سېرىق رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى بىر، قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى بىر، كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى ئىككى، يېشىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى ئىككى تېررورچى قوشۇلۇپ، جەمئىي 85 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى توققۇز تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ھاردىم – تالدىم دېمەستىن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى، زەيتۇن شېخى ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىش مەقسىتىدە ئوق چىقىرىپ ھۇجۇم قىلغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى توققۇز تېررورچى، كوماندىر جەڭچىلىرىمىزنىڭ غەلىبىلىك زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. غەلىبىلىك ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك سەپلىرىدىن قاچقان يەنە بىر تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ژاندارما باش قوماندانلىقى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە بىر تېررورچىنىڭ پ ك ك سەپلىرىدىن قېچىپ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەسلىم بولغان مەزكۇر تېررورچى 2013 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، ئىراقتىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان.

داۋاملىشىۋاتقان تەسلىم بولۇشقا قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان تەسلىم بولغان تېررورچىلار ئومۇمىي سانى 39 غا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر