تۈركىيە ياۋروپا ئورگانلىرىغا نامىنىڭ تۈركچىدىكى بويىچە «Türkiye» دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە، چەت ئەل تىللىرىدا دۆلەتنىڭ نامىنىڭ «Türkiye (تۈركىيە)» يېزىلىشى توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىى قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىغا ئۇقتۇرۇش يوللىدى.

1836798
تۈركىيە ياۋروپا ئورگانلىرىغا نامىنىڭ تۈركچىدىكى بويىچە «Türkiye» دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، چەت ئەل تىللىرىدا دۆلەتنىڭ نامىنىڭ «Türkiye (تۈركىيە)» يېزىلىشى توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىى قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىغا ئۇقتۇرۇش يوللاپ، بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىللىرىدا تۈركىيەنىڭ نامىنىڭ تۈركچىدىكى شەكلى بويىچە «Türkiye»  دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپىغا مەكتۇپ يوللاپ، تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى چەت ئەل تىللىرىدىكى ئىسمىنىڭ «Türkiye» دەپ تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان؛ ب د ت مۇ تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، «Turkey» دەپ ئىشلىتىۋاتقان دۆلەت نامىنى «Türkiye» دەپ ئۆزگەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر