تۈركىيە - ئىسپانىيە سىياسىي سۆھبەت يىغىنى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە بىلەن ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى دەرىجىلىك ئىككى تەرەپلىك سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1836529
تۈركىيە - ئىسپانىيە سىياسىي سۆھبەت يىغىنى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلدى
Faruk Kaymakci-Pascual Navarro.jpg
Turkiye-ispanya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى دىرېكتورى فارۇق قايماقجى، ئىككى تەرەپلىك سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى دائىرىسىدە ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىق مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پاسكال ناۋاررو بىلەن كۆرۈشتى.

يېپىق يىغىندا، 17 – نويابىر (2021) پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە - ئىسپانىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ بېكىتىلگەن «ئۇنىۋېرسال ھەمكارلىق» كېلىشىمى ھەر جەھەتتىن مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

يىغىندا، ئىككى دۆلەتنىڭ 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سودا مۇنبىرىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىپ، 2022 - يىللىق سودا سوممىسى نىشانى بولغان 20 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىلغانلىقى ۋە دەسلەپكى تۆت ئايدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %16 لىك ئېشىشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر