ئاقار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى، قوشۇمچە ئەزۇ زەبى ئەمىرى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1835161
ئاقار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن يېتىپ بارغان پايتەخت ئەبۇ زەبىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئەھمەد ئەلبوۋەردى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن،  ەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى، قوشۇمچە ئەزۇ زەبى ئەمىرى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مۇداپىئە ھەم بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، مىنىستىر ئاقار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيانغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدە، شەيخ خەلىپە بىن زايىد ئەننەھياننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تىلەكلىرىنى سۇندى، دۆلەت باشلىقلىقىغا سايلانغانلىقى ئۈچۈن، شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھياننى تەبرىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر