چاۋۇشئوغلۇ: گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە باش ئەلچىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەدە ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئىكىك دۆلەتنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق  باش ئەلچىلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1835255
چاۋۇشئوغلۇ: گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە باش ئەلچىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ «تەھرىر سۆھبىتى» پىروگراممىسىدا، كۈنتەرتىپكە دائىر بەرگەن باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەدە ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى ۋە نوتا تاپشۇرۇلدى. باش ئەلچىلەرگە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بۇنداق نامايىشلىرىنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردۇق.»

فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇچرىشىشلىرىمىزدا فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقىغا نېمىشقا قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. دەرۋەقە، ئۇلار بىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىمىزنى قوللاش توغرۇلۇق بىزگە ۋەدە بېرىشى كېرەك. فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىقىغا قىسمەن ئىجابىي قارايمىز. دەرۋەقە، فىنلاندىيە تېررورىزم قانۇنلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى لازىم.»

سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دېدى: «تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، بىز قاراپ ئولتۇرالمايمىز. دەرۋەقە، بىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان ھەق – ھوقۇقلىرىمىز باردۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى دۆلەت ئىچىدە بولسۇن، مەيلى دۆلەت سىرتىدا بولسۇن، مەيلى سۈرىيەدە بولسۇن، مەيلى باشقا جايدا بولسۇن، تېررورچىلارنى تازىلاش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر.»

چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيەنىڭ ئەگە ئاراللىرىنى قوراللاندۇرۇشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيەگە تېگىشلىك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەردۇق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىككى پارچە خەت يوللىدۇق. ئەگەر گىرېتسىيە بۇ دەپسەندىچىلىكلەردىن ۋاز كەچمىسە، بىز ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى مۇزاكىرىگە سۇنىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر