ئاقار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1834851
ئاقار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بارغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇدابىدە خەلىپىلىكنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئەھمەد ئەلبۇۋاردى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار بىلەن مىنىستىر ئەلبۇۋاردى ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر، ھەربىي مەشىق ھەمكارلىقى ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن مىنىستىر ئاقار، ۋاھەتۇلكەرامە شىېھىتلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مىنىستىر خۇلۇسى ئاقارنىڭ زىيارىتى، بىر تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاراتقان تۇنجى رەسمىي زىيارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر