تۈركىيە - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇداپىئە سانائىتى يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەت ۋەكىللىرى پايتەخت ئەنقەرەدە يىغىن چاقىردى.

1834938
تۈركىيە - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇداپىئە سانائىتى يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى  مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئېچىلغان يىغىنغا، مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىمپورت ئىشلىرى ئىدارىسى – تەۋازۇننىڭ ئىقتىساد كېڭىشى باش مۇدىرى تارىق ئابدۇررەھىم ئەلخوسانى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە شىركەتلەرنىڭ باشلىقلىرى قاتناشتى.

يىغىن جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئىككى تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.

كېلىشىملەر، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فېۋرال ئېيىدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى نىيەت خىتابنامىسىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە ئىمزالانغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر