ئەردوغان ھەر قايسى شەھەرلەردىن كەلگەن ياشلار بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىناغا تەڭپۇڭ سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىمىز» دېدى.

1829439
ئەردوغان ھەر قايسى شەھەرلەردىن كەلگەن ياشلار بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ مىللەت كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كۇتۇپخانا سۆھبەتلىرى» پائالىيىتىدە، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ياشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى جەريانىدا پىرىنسىپچان ۋە بىتەرەپ مەيداندا تۇرغان ئىدۇق. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن غەربتىن بېسىم كەلدىمۇ؟ كەلگەن بولسا، تۈركىيە ئۇ بېسىملارغا قانداق تاقابىل تۇردى؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىناغا تەڭپۇڭ سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىمىز. بۇ سىياسەتتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بولسۇن ياكى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بولسۇن مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈش نىيىتىمىز يوق. پۇتىن ۋە ھۆرمەتلىك زېلېنسكىي بىلەن تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. ئالاھىدە ۋەكىلىمىزنى ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەگە ئەۋەتتۇق ۋە ھازىرمۇ ئەۋەتىۋاتىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇ ئاخىرىدا، يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ رايونغا ۋە دۇنياغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر