«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1829915
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 5 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.