خاتايدا «ئەرەن قامال قىلىش – 12» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى
خاتاي ۋىلايىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قامال قىلىش – 12» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى.
1829507
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، خاتاي ۋىلايىتىدە، «ئەرەن قامال قىلىش – 12 (ئامانوس تاغلىرى) شېھىت قوراللىق ساقچى ئابدۇللاھ ئاقدېڭىز» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە 887 ھەربىي خادىم قاتناشماقتا ئىكەن.