شەنتوپ باكۇدا

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا شېھىتگاھلىقنى زىيارەت قىلدى.

1828304
شەنتوپ باكۇدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا، ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساھىبە گافاروۋا ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى باشقا دائىرىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئەزەربەيجاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مەرھۇم ھەەيدەر ئەلىيېۋنىڭ قەبرىستانلىقىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

20 – يانۋار شېھىتلىرى دەپنە قىلىنغان شېھىتلار خىيابانىنىمۇ زىيارەت قىلغان شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى، بۇ يەردىكى ئەدەبى ئاتەش  ئابىدەسىگىمۇ گۈلچەمبىرەك قويدى.

شەنتوپ، كېيىنچە باكۇ تۈرك شېھىتگاھلىقىغا ئۆتۈپ، ئابىدەگە گۈلچەمبىرەك قويدى.

سىمۋوللۇق شېھىتلار مازارلىرىغىمۇ گۈل قويۇپ قويغان شەنتوپ، شېھىتگاھلىقنىڭ ئابىدە دەپتىرىگە مۇنداق دەپ يازدى: «ئەزىز شېھىتلىرىمىز! تۈرك مىللىتىنىڭ باتۇر ئوغۇللىرى! سىلەر بۇنىڭدىن 104 يىل ئىلگىرى بۇ زېمىنلارنى خۇددى ۋەتىنىڭلارغا ئوخشاش قوغداش ئۈچۈن ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىپ، شېھىتلىق مەرتىۋېسىگە يەتتىڭلار. سىلەر قانلىرىڭلار بىلەن سۇغۇرغان بۇ زېمىنلاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن كۆچەتلەر، بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش ئىرادە ۋە مەنىۋىي روھنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا لەپىلدىگەن بايراقنى تېخىمۇ يۈكسەك ئۇپۇقلاردا لەپىلدىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر