رىزە – ئارتۋىن  ئايرودۇرۇمى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيەنىڭ دېڭىز بويىدا قۇرۇلغان ئىككىنچى ئايرودۇرۇمى بولغان رىزە – ئارتۋىن ئايرودۇرۇمى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن مۇراسىم ئارقىلىق خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

1826957
رىزە – ئارتۋىن  ئايرودۇرۇمى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى
rize-artvin havalimani.jpg
erdogan rize-artvin havalimani.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئولتۇرغان ئايروپىلانلار، رىزە – ئارتۋىن ئايرودۇرۇمىدا قارشى ئېلىندى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئايروپىلاندىن چۈشكەندە قارشى ئالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كېيىنچە ئەلىيېۋ بىلەن بىرلىكتە ئېچىلىش مۇراسىمى ساھەسىگە ئۆتتى.

ئەردوغان، ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، دۇنيادا دېڭىز بويىغا قۇرۇلغان جەمئىي 5 ئايرودۇرۇم بارلىقىنى، بۇلاردىن ئىككىسىنىڭ رىزە – ئارتۋىن ئايرودۇرۇمى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئومۇمىي ئايرودۇرۇم سانىنى 26 دىن 57 گە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

تەخمىنەن 5 يىلدا 4.4 مىليارد لىرالىق مەبلەغ سېلىنىپ تاماملانغان رىزە – ئارتۋىن ئايرودۇرۇمىنىڭ، 3000 مېتىرلىق ئۇچۇش يولى، يىللىق 3 مىليون يولۇچى سىغىدىغان تېرمىنالى، ياردەم قىسىملىرى ۋە باشقا مۇلازىمەتلىرى بىلەن پەخىرلىنەرلىك بىر قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، قارادېڭىزنىڭ شارائىتى مۇرەككەپ جۇغراپىيەسىدە بەرپا قىلىنغان بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ، قوشنا دۆلەت گىرۇزىيەنىڭ تىرانسپورتىغىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز دۆلىتىمىز چېگرالىرىنىڭ ئەڭ چېتىدە قۇرغان بۇ ئايرودۇرۇم، خەلقىمىزگە ۋاقىتتىن تارتىپ يېقىلغۇغىچە، قاتناش ۋەقەلىرىدىن تارتىپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە تۆھپە قوشىدۇ. بۇ تېرروتېرىيەلەردە ياشاۋاتقانلار ۋە زىيارەتكە كەلگەنلەردىن سىرت يەنە، بۇ رايوننىڭ گۈزەللىكلىرىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە، رىزە بىلەن ئارتۋىن بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئايروپىلان بېلىتىچىلىك يېقىندۇر.»

بۇ ئارىلىقتا، رىزە – ئارتۋىن ئايرودۇرۇمىغا تۇنجى يولۇچىلار ئايروپىلانىمۇ قوندى.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08.30 دا قوزغالغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت « TK 2538 » تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى،  ئەتىگەن سائەت 10.35 دە رىزە – ئارتۋىن ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار، قاتناش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە ساھەدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر تەرىپىدىن گۈللەر ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر