تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە ۋە ئىراقتا 6 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەرىكەتلەردە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1809988
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، سۈرىيەدىكى تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا 3 تېررورچى، زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى رايونىدا 2 تېررورچى ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ تايونىدا 1 تېرورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا: «ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغانغا قەدەر ھەرىكەتلىرىمىزنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېيىلدى.