ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسى رېزنىكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1809206
ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقار بىلەن ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسى رېزنىكوۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا ياردەمچى بولۇش ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن.

بولۇپمۇ مارىيۇپولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا پۇقرالارنى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ جىددىيلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئاقار، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتە زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر