ئاقار 5 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بۇلغارىيە، گىرۇزىيە، پولشا، رۇمىنىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن 6 تەرەپلىك سىن يىغىنىدا كۆرۈشتى.

1808675
ئاقار 5 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار، بۇلغارىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دراگومىر  زاكوۋ، پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىيۇس بلاسزاك، رۇمىنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاسىلې دىنكۇ، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ ۋە گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۇئانشېر بۇرچۇلادزې بىلەن ئالتە تەرەپلىك سىن يىغىنىدا كۆرۈشتى.

ئۇ،  تۈركىيەنىڭ تەكلىپى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىن يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يىغىننىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، يىغىندا، رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا، كىرىزىسكە دىپلوماتىيە جەھەتتىن ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇكرائىنادا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پۇقرالارنى بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، مىناغا قارشى كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارادېڭىزدا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. ئاخىرىدا، بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە سەۋەبىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش ۋەرايوندىكى كرىزىسنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر