چاۋۇشئوغلۇ پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جو گومېس كراۋىنھو بىلەن كۆرۈشتى.

1808752
چاۋۇشئوغلۇ پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، بىريۇسسېلدا، پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جو گومېس كراۋىنھو بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر