ئاقار مارىپولدىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار مارىپولدىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.

1807477
ئاقار مارىپولدىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار مۇخبىرلارنىڭ ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارنى ھەمدە يارىلانغان تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

«بىز مارىپولدىكى پۇقرالارنى ھەمدە يارىلانغان تۈرك ۋە باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنى دېڭىز يولى ئارقىلىق تارقلاشتۇرۇش خىزمىتىگە پاراخوت ياردىمى بېرەلەيمىز» دېگەن مىنىستىر ئاقار، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىش، شۇنداقلا تۈركلەر باشتا بولۇپ ئۇكرائىنادىكى باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە بىخەتەر يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولۇشىنى كۈتمەكتىمىز، ئۈمىد قىلماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر